«1 - قارارلىق كىيىم تىكىش - لايىھىلەش كۇرسى» ئېچىلدى

كىيىم – كېچەك، توقۇمىچىلىق ساھەسى تۈركىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، ساپاكۆي رايونلىرىدا بۇ خىزمەت ساھەسىدە ئىش پۇرسەتلىرى كۆپ بولۇپ، مەزكۇر ساھە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىنى سۇنماقتا. ساپاكۆي رايونىدا ھۈنەر ئۆگىنىپ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئىستىكىدە بولغان ئۇيغۇر خانىم – قىزلارنىڭ تەلىپى بىلەن، فوندىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى، ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ كىيىم تىكىش – لايىھىلەش ساھەسىدە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئۇستىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر يار فوندى تەرىپىدىن ھۈنەر – كەسىپ تۈرى بويىچە نۆل سەۋىيەدىن باشلانغان «1 – قارارلىق كىيىم تىكىش – لايىھىلەش كۇرسى» ئىستانبۇل شەھىرى ساپاكۆي رايونىدا ئېچىلدى. بۇ كۇرس 6 ئاي داۋاملىشىدۇ.

كۇرس 2 – ئاۋغۇستتا رەسمىي تۈردە دەرس باشلاندى، مەزكۇر كۇرسقا ئون نەپەر ئۇيغۇر خانىم – قىزلار تىزىملاتتى. كۇرستا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەربىيەلەپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ 6 ئايلىق ئوقۇش بەدەل پۇلى ئۇيغۇر يار فوندى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ.