گۈلىس ماركىسى ھەققىدە

گۈزەل ئۇيغۇر تىلىمىز ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتىمىز دۇنيا تەرىپىدىن تونۇلۇشقا چەكسىز ئەرزىيدۇ.

ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرتىلىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش مېنىڭ شەرىپىم ۋە مەسئۇلىيىتىم. شۇڭا، گۈلىس ماركىسى ئۇيغۇر تىلىمغا بېغىشلانغان بولۇپ، “مىنىڭ تىلىم، مىنىڭ كىملىكىم ” شوئارى بويىچە، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش، دۇنياغا تونۇتۇشتا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا بارلىققا كەلگەن.

شۇڭا مەھسۇلاتلارغا بېسىلىدىغان بارلىق لايىھەلەر ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى بىلەن نەقىشلىرىمىزنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى باشقا مودا لاھىيەلەردىن پەرقلىنىدۇ. ھەمدە خېرىدارلارلايىھە مەزمۇنىنى تەلەپ قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، خېرىدارلار ئۆزىگە ھەقىقىي تەئەللۇق بولغان مەھسۇلاتقا ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، خېرىدارلار ئۆزى خالىغان ئىسىم، تەمسىل، ياكى شېئىرلارنى ئېلخەت ئارقىلىق تەلەپ قىلسا، شۇ مەزمۇن نەقىش ئىچىگە ئېلىنىپ لاھىيىلىنىپ مەھسۇلاتلارغا بېسىلىپ، مەخسۇس خېرىدارغا ئايرىم بەت ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ، خېرىدار ئۆزى خالىغان مەزمۇنلۇق مەھسۇلاتقا ئېرىشەلەيدۇ، ھەم تەلەپ قىلغان مەھسۇلات لاھىيەسى مەزكۇر خېرىدارنىڭ رۇخسىتىسىز، باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن سودا بېتىگە قويۇلمايدۇ. شۇڭا تەلەپ قىلىنغان مەزمۇن لايىھەسىنى تەلەپ قىلغۇچى خېرىداردىن باشقا ئادەم سېتىۋالالمايدۇ. بۇ دەل گۈلىس ماركىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدۇر.

شۇڭا، مەندەك توغرا نىيەتتە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياشقا خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن سورايمەن. ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىزنى دۇنياغا گەۋدىلەندۈرۈشتە گۈلىس بىلە تەڭ سەپتە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆز ئانا تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

Gulis Online store – Gulis.co

Facebook- Gulis Derya