https://www.facebook.com/329563827788995/posts/1046821156063255/?sfnsn=scwspmo

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – سېنتەبىر

ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ پىلانلىشى ، ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللاپ -قۇۋۋەتلىشى بىلەن 25- سېنتەبىر ئىستانبۇل تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە « مەھمۇت قەشقەرى شىئېركېچىلىكى » مۇۋپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى .

كېچىلىككە تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى ، ژۇرنالىست ئەلى رىزا ئەپەندى ، بۇرسا ئۇلۇ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورى ، شائىر ۋە مۇزىكانت دوتسېنت ئەردەم ئۆزدەمىر ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ، پېشقەدەم ئۇيغۇر شائىرەسى نۇر ئەلا كۆكتۈرك تۈرك ۋە بىر قىسىم‌ ياش شائىرلار ۋە شىئېر ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى .

بۇ قېتىملىق كېچىلىك تۈرك تىلىدا ئۆتكۈزۈلدى ئالدى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى . ئارقىدىن ياۋرۇپا مۇقام ئانسامبىلى ئەزالىرىدىن مۇختەر جانباز ، مۆمىنجان ئەپەندىلەر ۋە جىنەستە خانىم بىر قانچە مۇزىكا ئورۇنلىدى . پىروففىسور ئەردەم ئۆزدەمىز ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقىدى ۋە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ، ئالىمجان غەمناكى ، مەخمۇتجان قاتارلىق شائىرلار شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى .

پروگرامما باشتىن ئاخىر قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن داۋاملاشتى .

بۇ خىلدىكى‌ شىئېر كېچىسى ۋە ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى پات – پات ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شىئىرىيتىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

https://www.facebook.com/329563827788995/posts/1046821156063255/?sfnsn=scwspmo