ئۇيغۇر پروجېكت فوندى

ئۇيغۇر پروجەكت، 2019-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىر تاپاۋەتسىز ئورگان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ھوقۇق ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا مەدەتكار بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خۇسۇسەن 2016-يىلى سىنتەبىردىن باشلاپ پەۋقۇلاددە يامانلىشىشقا باشلىغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈن كۈنلۈكتە،بىر مىللەتنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بىرخىل ئىرقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىغى سۈپىتىدە ئوترىغا چىقىشى،يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكىم ئادالەتنى ياقىلايدىغان كۆپلىگەن كىشلەر، دۆلەت ۋە ئورگانلارنىىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى. نەتىجىدە تۈرلۈك ياردەم، تەشۋىقات ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى قانات يايدى.

ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنى بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇش مەقسىدىدە بارلىققا كەلگەن ھەر تۈرلۈك پىلان، ھەرىكەت ۋە توغرا كۆرۈلگەن تەشەببۇسلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئەمىلىلىشىپ داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ كۆپ قىسمى،يېتەرلىك ئىختىسات، مۇقىم كەسپى خادىم ۋە دائىمى قوللاش مىخانىزىمى بولمىغانلىقتىن توختاپ قالماقتا.

گەرچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا چىدىماي سەپنىڭ ئالدىغا چىققان بىر بۆلۈك كىشىلەر ۋە ئورگانلار مەلۇم دەرىجىدە جامائەتنىڭ قوللىشىنى قولغان كەلتۈرگەن بولسىمۇ، پىلاننىڭ پۇختا بولماسلىغى، كەسپى جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكلەرۋە ئىقىدارلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولغانلىقى سەۋەپلىك كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتەلمەيۋاتىدۇ.

جامائەتتىن ئىئانە، مەبلەغ ۋە ئىختىسادى ياردەم توپلاشتا ھەممىگە ئورتاق بولغان بىر سالاھىيەتلىك ئورگان بولمىغىنى ئۈچۈن بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئىئانە ئىسراپچىلىقى، خىزمەت ئىسراپچلىقى، پائالىيەت تەكرارلىقى ۋە ياردەم ئىسراپچىلىقى كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇخىل ئەھۋاللار ئېنىرگىيەمىزنى خوراتقاندىن باشقا كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئىشەنچىنىڭ سۇسلاپ كېتىشى، ياردەمدىن يالتىيىپ قېلىش ۋە ئىئانىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتلىرىنى پەيدا قىلماقتا. شۇڭا، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قۇتقۇزۇش،ياردەم،ئۇچۇر- ئاخبارات ۋە تۈرلۈك سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلەردىكى ساقلانغان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشمۇ ئۇيغۇر پروجەكتىنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇرگانىمىز كەسپى خادىملار ئارقىلىق، ھەرقايسى ياردەم ئورگانلىرىنى مەسلىھەت، نازارەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇيغۇر پروجەكت،ئۇيغۇرلار يىغىدىغان ئىئانە ۋە ياردەملەرنى بىر مەركىزى ئۇرگانغا توپلاپ ھەقىقى تىگىشلىك يەرگە ئىشلىتىش، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ۋە ھېساپ-كىتاپ ئىشلىرىدا ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپلىرىنى مىزان قىلىدۇ. ئۇيغۇر پروجەكت،مەبلەغنى بىر يەرگە توپلاپ قىلىنماقچى بولغان ئىشلارغا ۋە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرگە ئىقتىسادى ياردەم، نازارەت ۋە ئىلمىي مەسلىھەتتە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

دېمەك، ئۇيغۇر پروجەكت، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، مەۋجۇتلىقىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋام قىلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا مەدەتكار بولغاندىن باشقا يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان قالايمىقان ئىئانە توپلاش، قالايمىقان پۇل يىغىش مۇراجەتنامىلىرىنى چىقىرىش شۇنىڭدەك، ياردەم ئىشلىرىدىكى قالايمىقانچلىقلارغا خاتىمە بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشەنچنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشنى ھەم ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى دەپ بىلىدۇ.