ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئاخبارات ئۇچۇرلىرى توپلاش تۈرىگە ئىئانە قىلىڭ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،

ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى يەنىلا داۋام قىلماقتا. ئەلۋەتتە خەلقىمىز يۈزلەنگەن زۇلۇمنى تۈگىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى — مۇستەقىللىق، لېكىن مۇستەقىللىققا يېتىشنىڭ قەدەم-باسقۇچى ۋە يوللىرى ھەر خىل. داۋادا قەلەم كۈرىشى ئەلەم كۈرىشىگە ئوخشاش مۇھىم بولۇپ، خەلقئاراغا ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش، قەلەم كۈرىشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. قەلەم كۈرىشىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋاللار توغرىسىدا ئىشەنچلىك ۋە سىستېمىلىق ئۇچۇر توپلاپ، ئۇلارنى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا ۋە سىياسەتچىلىرىگە ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرۇش بەك مۇھىم.

ئۇيغۇر پروجېكت فوندى (ئۇ پ ف) بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىر گۇرۇپپا كەسپىي ۋە تەجرىبىلىك ياشلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمىغا ئائىت ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئىشىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشىپ، ئۇچۇر توپلاش جەھەتتە كۆپلىگەن قىممەتلىك خىزمەتلەرنى قىلدى. ئۇ خىزمەتلەرنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىدىغان زاۋۇت-شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى (جەمئىي 4 جەدۋەل، 3251 زاۋۇت-شىركەت)، شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار لاگېرلىرىنىڭ تىزىملىكى (جەمئىي 430 لاگېر)، ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ تىزىملىكى (جەمئىي 470 دوختۇرخانا) نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ تىزىملىكلەرنى ھازىر غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە بەزى خەلقئارالىق ئورگانلار ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ تىزىملىكلەر ئۇيغۇر ئاخبارات مەركىزى (UIC) نىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىگىمۇ خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا چىقىرىلدى. ئۇ گۇرۇپپىدىكىلەر يەنە غەرب مۇخبىرلىرىنى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش، مۇخبىرلارغا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىسپاتچى تېپىپ بېرىش، ئىسپاتچىلارنى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق قىلىش ئىشلىرىنىمۇ قىلدى. بۇنداق ئىشلاردا نورۋېگىيەدىكى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قېرىندىشىمىزمۇ بىر پىدائىي سۈپىتىدە ناھايىتى ھالقىلىق روللارنى ئوينىغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئابدۇۋەلى ۋە ھېلىقى گۇرۇپپىدىكى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئاساستا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنگلىز تىلى دۇنياسىدا خەۋەر ۋە دوكلات ئېلان قىلغان چوڭ مېدىيە شىركەتلىرىدىن ABC (ئامېرىكا)، ABC (ئاۋسترالىيە)، BBC (ئەنگلىيە)، CNN (ئامېرىكا)، فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى، DE (گېرمانىيە)، HBO (ئامېرىكا)، NHK (ياپونىيە) ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىقلار بار. ئاشۇ گۇرۇپپىدىكىلەر قولغا چۈشۈرگەن بىر قىسىم ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى UIC نىڭ ۋىدىيو پىروگراممىسىغىمۇ ئىشلەتتۇق، ھەمدە ئۇلارنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، UIC نىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىگىمۇ ئۇتتۇرلۇق چىقىرىپ تۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن UIC ۋىدىيو پىروگراممىسىنىڭ «ۋەتەندىن كەلگەن ئۇچۇرلار» قىسمىنى ئىنگلىزچىمۇ ئىشلەپ تارقىتىمىز.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ھەققىدە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئىشىنى يەنە بىر يىل ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ پ ف 16 مىڭ دوللار (16,000$) پۇلغا موھتاج بولۇپ، چەت ئەلدىكى مىللەت ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىش كۆڭلى بار ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن ئازراقتىن پۇل ئىئانە قىلىپ، ئاشۇ 16 مىڭ دوللار (16,000$) خىراجەتنى ھازىرلاشقا ياردەم قىلىشنى سورايمىز. ھەر بىر ئۇيغۇر مىللەت ئۈچۈن قىلغان ئىشلارنى بىز بىلىمىز، خەلقىمىز بىلىدۇ، ئاللاھمۇ بىلىدۇ. بىز قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مىللەت ۋە ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايمىز. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىز ئاز بولسىمۇ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىڭ، ئىشنى كەسىپ ئەھلىلىرى قىلسۇن.

ئۇ پ ف ھازىرغىچە قىلغان ئىشلارنىڭ تىزىملىكى بۇ يەردە:
https://uyghursfoundation.org/uyghur

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ رەئىسى ئەركىن سىدىق

فېيىسبۇكتىن باشقا ئىئانە پۇلىنى يوللاشنىڭ يوللىرى:
Paypal: UyghursFoundation@gmail.com
توربەت: https://uyghursfoundation.org

تۈركىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادا ئۇ پ ف ئۈچۈن پۇل يىغىپ بېرىدىغان ئادەملەر بار بولۇپ، سورىسىڭىز دەپ بېرىمەن.