ئۇيغۇر پروجېكت فوندى

ئۇيغۇر پروجەكت فوندى

ۋەزىپىمىز

ئۇيغۇر پروجەكت فوندى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان ئىئانە پائالىيىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىمىز. بىز ئامرىكىدىكى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرىنى دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە مۇراجەت قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، كۈلتۈرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كۈرەشلىرىگە ھەمدەمدە بولۇشقا، شۇنۇڭدەك، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىرىمىز. كەلگۈسىدىكى ئېرىشكۈسى ئىنسانى ياردەملەر بىلەن ھازىر ئېرىشكەنلەرىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ مۇقىم كىرىم مەنبەسى بەرپا قىلىشنى پىلان قىلىپ، پروجەكتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مالىيە مەنبەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسۈتىمىز. بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كىرزىسىغا بولغان بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشقا، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. بۇ خىزمەت، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

ئارقا كۆرۈنىشىمىز

ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس تىل ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئايرىم بىر مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كۈلتۈرى ئەسىرلەردىن بېرى، ھەر خىل دىن، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرۇشۇش نۇقتىسىدا يەر ئېلىپ ۋە ئۆزى ئۇچراشقان ھەر خىل مەدىيەتلەرنىڭ جەۋھىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا نامايەن قىلىپ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا كۈلتۈرى ۋە قەدىمىي يېپەك يولىنىڭ مۇھىم تۆھپىكارلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى مۇزىكا، ئۇسۇل، تىياتىر، شېئىرىيەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنى مىراسلىرىمىزنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋام قىلدۇردى. ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە سەنئىتى بىر تەرەپتىن،مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب تارىسىنى چەككەن ۋە بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنى ساقلاش ۋە داۋام قىلدۇر ئۈچۈن بەدەللەرنىمۇ تۆلەپ كەلدى.

بۇ نۇقتىدىن،ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى، ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردىكى،ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشۈنۈش ھەم ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئۈلگۈلىرىدىن بىرى دىيىشكە بولۇدۇ. يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيانىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىققا ھەسسە قوشۇپ كەلگەن مۇھىم تۆھپىكار مىللەتلەردىن بىرىدۇر.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، خېلە ئۇزاق بىر مەزگىل، بولۇپمۇ خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى باشلىغى شى جىن پىڭ تەخىتكە چىققاندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر كىملىگى ۋە مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بارلىق نەرسىلەر يوقۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ناۋادا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى بىرلىشىپ بەزى خىزمەتلەرنى قىلمىغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ يەردە يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىيانە قىلمىشىلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن بۇ خىل مەدەنى، جىسمانى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقلاردىن ئامان قېلىشىدىن سۆز ئېچىش قىيىن. مۇشۇ زۈرۈرىيەتتىن، بىز-ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان بىر بۈلۈك يۇقۇرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار ۋە كەسپىي خادىملار بىرلىشىپ مەزكۇر ئۇيغۇر پرجەكت فوندىنى تەسىس قىلدۇق. بىزنىڭ مەقسىدىمىز، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە توغرا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يول كۆرسىتىش، ئامېرىكا ئىچى ۋە سىرتىدىكى توغرا پىكىرلىك ئىنسانپەرۋەر ئۇرگانلار ۋە كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھەمدە ئنسانپەرۋەر، ساخاۋەتچى ئورگانلاردىن ئخىتىسادى ياردەم توپلاش، بۇ مەبلەغ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش پۇجەكتلىرى ۋە شۇنىڭدەك، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە جانلاندۇرۇش ئىشلىرىغا ماددى ياردەم بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

بىزنى نېمە ئۈچۈن قوللايسىز؟

ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەر خەلقنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ زور چەكتە ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىشنى كۆزلەۋاتقان بولسىڭىز، بىز سىزنى جانلىق، مەنىلىك ۋە ئۈنۈملىك ئىئانە يولى بىلەن تەمىنلەيمىز. ئۇيغۇر پروجەكتى فوندىنىڭ ئىئانە قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇدىغانلىغىنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. يۇقىرى ئۆلچەم. فوندىمىزنىڭ مۇدرىيەت ئەزالىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە قوللىغۇچى ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى، دۇرستلىغى، ئىشەنچىلىكلىگى ۋە پاك-دىيانەتلىكلىكلىگى بىلەن تۇنۇلغان ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرىي جەھەتتە روياپقا چىقارغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان كىشلەردۇر.
  2. ئەڭ يۇقۇرى باج كەچۈرۈم ئەۋزەللىگى. فوندىمىز خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بۇلۇپ، نۆۋەتتە، فوندىمىزنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان تاپاۋەتسىز 501 (C) 3 تەشكىلاتلىق سالىھىيەتكە ئېرىشىش ئۈستىدىكى خىزمەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ سالاھىيەت دۆلەتلىك باج ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھامان، ئۇيغۇر پروجەكتى فوندىغا بېرىلگەن ھەر قانداق ئخىتىسادى ياردەم قانۇندا يولغا قويۇلغان باجدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئېتىۋارغا ئېرىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇدۇ.
  3. بىخەتەرلىك. فوندىمىزنىڭ نىشانلىغان ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كېرەك بولۇدىغان ئۈنۈملۈك سىتراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇش مەسئوليىتى فوندنىڭ دېرىكتورلىرى زىممىسىگە يۈكلەنگەندۇر. دېرىكتورلار فوندقا ئىختىسات توپلاش ۋە پرۇجەكتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى بەلگۈلەيدۇ. فوندىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، كەسپىي خادىملار ۋە فوند ئەزالىرى فوند ئىشلىرىنىڭ ساغلام داۋام قىلىشىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق، فوندىمىز ئىخىتىساتنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا سەرپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. فوند ئىدارە ھەيئىتىدىكىلەر ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسى خالىسانە ئىشلەيدىغان پىداكارلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچبېرى فوند ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. فوندقا ئىختىسات توپلاش ئۈچۈن قىلىنغان سەپەر چىقىملىرى ۋە فوندىمىز تەرىپىدىن ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەنگەن ئۇيغۇر پرۇجەكتلىرىگە قاتنىشىش چىقىملىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  4. ئىستىراتېگىيىلىك خەير-ساخاۋەت مۇلازىمىتى. بىزنىڭ ئۆز رايونىمىزدىكى، دۆلىتىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىمىز سىزنىڭ بارمىقىڭىزنىڭ ئاستىدا. تەجرىبىلىك مۇدرىيەت ئەزالىرىمىز، دېرىكتورلىرىمىز ۋە قوللىغۇچى ئەزالىرىمىز سىزنى ۋە سىزنىڭ خېرىدارلىرىڭىزنىڭ خەير-ساخاۋەت خىزمىتىنى قوللايدۇ.
  5. ئىئانە ئىشلىرى مۇلازىمىتى. ئەدەپلىك، بىلىملىك ۋە سەزگۈر مۇدرىيەت ئەزالىرىمىز، دېرىكتورلىرىمىز ۋە قوللىغۇچى ئەزالىرىمىز – ھەرۋاقىت، شەخىسلەر، ئورگانلار ياكى كەسپىي مەسلىھەتچىلەرنىڭ سوئال ۋە ئەندىشىلىرىگە جاۋاپ بېرىشكە تەيار. شۇنداقلا، قىيىنچىلىقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ۋە ئىنانە قىلغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز ئىئانە قىلغۇچىنى مەركەز قىلغان ئىئانە توپلاش شەكلى ئارقىلىق، ئارزۇيىڭىزنى بەرپا قىلىشىڭىزغا ھەمدەمدە بولىمىز.
  6. جانلىقلىق ۋە ئاددىيلىق. ئىئانە قىلغۇچىلار ئۆزلىرى خالىغان ئىسمنى قوللانسا ۋە قايسى خەيرى-ساخاۋەت تۈرىگە ئىئانە قىلىشنى ئۆزلىرى تاللىسا بولۇدۇ. فوندىمىزدا پۇل يوللاشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى تەمىن ئېتىلىدۇ ھەمدە ئىئانە قىلغۇچىلانىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجلىرى، ئارزۇ ۋە مەقسەتلىرىگە ماس كېلىدىغان ھەل قىلىش چارىلىرى تەيارلانغان بولۇدۇ.
  7. ئوچۇق-ئاشكارىلىق ياكى نامسىزلىق. سىز ۋە سىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىڭىز ئىئانىنى ئۆز نام-شەرىپى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا بەرسىمۇ ياكى نامسىز(خۇپىيانە) ھالەتتە بەرسىمۇ بولىدۇ.
  8. مىراس قىلىش. فوندىمىز ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياكى ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىشلارغا ئاتاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىدىغان ئۇيغۇر مىراسىنى روياپقا چىقىرالايسىز.
  9. ئۈنۈمچان رەھبەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق. مۇدىرىيىتىمىز ئۇيغۇر پروجەكتى فوندىنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنىدۇر. مۇدرىيەت ئەزالىرى ئومۇمى خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىدۇ، قائىدە ۋە پىرىنسىپلارنى تۈزەپ چىقىدۇ، ۋە (تۈرلەرگە) ئىختىسات تەقسىملەش ئىشىدا ئاخىرقى قارارنى بېرىدۇ. فوند مەبلىغىنىڭ ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ھەمدە، ۋەتىنىمىز ۋە ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىز دۇچ كەلگەن ئېغىر ۋەزىيەتلەر ، شۇنداقلا يەنە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىگىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە كۆپۈيۈش داۋامىدا مەيدانغا چىقىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەم نەزەردە تۇتقان ھالدا تەقسىم قىلىنشمۇ فوند ئىدارە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇليىتىدە بولىدۇ.
  10. قىممەت قاراشقا تايانغان خەير-ساخاۋەتچىلىك. ئىئانە بېرىش قىممەت قاراشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ قىممەت قاراش ئۇيغۇر پروجەكت فوندى بىلەن ئىئانە قىلغۇچىلار ئوترىسىدا شەكىللىنىدىغان ھەر بىر مۇناسىۋەتنىڭ يادروسىدۇر. قىممەت قاراش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرى ۋە مەنپەتىنى ھەممىدىن يۇقۇرى ئورۇنغا قۇيۇش ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان خەير-ساخاۋەت ئارزۇسىنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانىنىڭ ئاساسىدۇر.

مۇدىرىيەت ئەزالىرى ۋە ئالىي ئەزالار (2019 – 2021)

  • پرېزىدېنت: د. ئەركىن سىدىق
  • سېكرىتار: د. ئۇيغۇر

مۇدىرىيەت ھەيئىتى

  • د. ئەركىن سىدىق (مۇدرىيەت باشلىقى)
  • د. ئۇيغۇر
  • د. مەمەت ئەمىن
  • د مەمەت تاش
  • د. مۇھەممەد ئىبراھىم