دوكتور ئەركىن سىدىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم،

كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانلاردا ئاز كۆرۈلىدىغان قارا نىيىتىنىڭ سەۋەبىدىن، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بىر خىل ئېغىر پاجىئە ئىچىگە كىرىپ قالدى. زۇلۇمنىڭ توختىماي ئېغىرلىشىشى، ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئىنسانلار بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەكتىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، تۈرمە ۋە جازالاش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپلىرى ھازىر ياشاشتىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللاۋاتىدۇ. تۈرمە-لاگېرلارنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز دەرىجىدە ناچار بولۇشى، ھەمدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئادەم قىيناش تاكتىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىنتايىن ۋەھشىي بولۇشى، مەقسىتىنىڭ ئادەمنى روھىي جەھەتتىن نابۇت قىلىش، جىسمانىي جەھەتتىن يوق قىلىش، ۋە ئەڭ ئاخىرى ئۆلتۈرۈش بولۇشى تۈپەيلىدىن، ھازىر تۈرمە-لاگېرلاردا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەر كۈنى مىڭلاپ، ھەتتا ئون مىڭلاپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.

ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىلا چەت ئەلدىكى تونۇشلىرىم ئارقىلىق ۋەتەندىن ماڭا مۇنداق ئۇچۇرلار كەلدى:

–لاگېرغا يېڭى ئادەم سولاش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

– سانى ئىنتايىن ئاز بولغان، بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ھازىر يەنە قايتا سولىنىۋاتىدۇ.

– چوڭراق لاگېرلارنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۇيغۇرنى قۇربان قىلىپ، پۇل تېپىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلدى.

– ئۇنىڭ بىرى ئوپېراتسىيە ئۆيى بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىپ سېتىلىۋاتىدۇ.

– بىرى پاھىشىخانا بولۇپ، ئۇ يەردە خىتاي ساقچىلىرى ياش ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى لاگېردىن تاللاپ ئەكېلىپ، ئەر خىتاي خېرىدارلارغا جىنسىي خىزمەت قىلىشقا سېلىپ، شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتىدۇ.

– ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، مەجبۇرىي پاھىشىلىك ۋە باسقۇنچىلىق تۈپەيلىدىن ھامىلىدار بولۇپ، بالا تۇغقان ياش خانىم-قىزلارنىڭ سۈتىنى سېغىپ، قۇۋۋەتلىك ئىچىملىك قىلىپ خىتاي خېرىدارلارغا سېتىۋاتىدۇ.

– لاگېردىن چىققانلار ياكى روھىي كېسەل، ياكى مېيىپ، ياكى ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەن ھالەتتە چىقىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى لاگېردىن چىقىپ بىر-ئىككى ئاي ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.

زۇلۇم شۇنچە ئېغىرلىشىپ كەتكەن، پۈتۈن ئۇيغۇرلار بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىرلىكى، غەرب ئەللىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بىرەر ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىشلار چىقمايۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى، خەلقئارا مۇناسىۋەت قانۇنىيىتى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ ئەنە شۇنداق بولىدىغانلىقى. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇلار ئالدىدا ئاساسەن ئىقتىسادىي قىممىتى بولماسلىقى، بىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلىتىدە ناھايىتى زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ بار بولۇشى.

يۇقىرىدىكى ئىككى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتە بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيمىز. تەسىر كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ — بۇنى بىز ھەممىمىز ھازىرغىچە تولۇق چۈشىنىپ يەتتۇق.

بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان، ھەمدە ناھايىتى يۇقىرى قىممىتى بار ئىشلارنىڭ بىرى، چەت ئەلدىكى خەلق ئاممىسىنى ھازىرقى ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن پاكىتلار بىلەن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. بىزنىڭ بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە قىلالىغان ئىشلىرىمىز ئىنتايىن چەكلىك ۋە يېتەرسىز. شۇ سەۋەبتىن غەرب دۇنياسى، مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەردىن خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلاردىن ئاساسەن سادا چىقمايۋاتىدۇ.

مەن ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بىر گۇرۇپپا ئوت يۈرەك، ساپالىق، قابىلىيەتلىك ۋە تەجرىبىلىك ئۇيغۇرلار يېقىندا تەشكىللىنىپ، مەزكۇر «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» نى قۇرۇپ، ئۇنى ئامېرىكىدا تىزىمغا ئالدۇردۇق. ھازىر بىز ئۇنى بىر «كىرىمسىز تەشكىلات» (Non-Profit Organization) قىلىپ تىزىملىتىش يولىدا رەسمىي ئادۋوكات ياللاپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىزنىڭ تۈپ نىشانىمىز چەت ئەلدىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەنبەلەردىن ئىئانە توپلاپ، توپلانغان پۇل بىلەن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قېلىش، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ھەر خىل جىددىي ۋە مۇھىم پروجېكتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش. پروجېكت پىلانلىرىنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار تۈزۈپ چىقىدىغان بولۇپ، بىز پەقەت يىغىلغان پۇلنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن، ئۆزىمىز مۇۋاپىق كۆرگەن پروجېكتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز.

ھازىر ئاشۇنداق پروجېكتتىن بىرى باشلاندى. ئۇ بولسىمۇ تۈركىيەدە بىر «چەت ئەل تىلىدىكى تەشۋىقات مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقىش. بۇ مەركەز شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئىسپات ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە ئۇلارنى تارقىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ، ھەمدە ئۇ تەشۋىقاتلارنى ئىنگلىزچە، خىتايچە، ئەرەبچە ۋە تۈرك تىللىرىدا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەركەزگە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بۇرۇنقى خىزمەتلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان، ھەمدە بىلىمگە، تەجرىبىگە ۋە قابىلىيەتكە باي ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەمدە بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى مىللەتكە ئاتىۋەتكەن، نام-شۆھرەت قوغلاشمايدىغان، ۋە تۆھپە تالاشمايدىغان پىداكار ياشلار ئېلىپ بارىدۇ. ھازىر بۇ پروجېكتنىڭ ئادەملىرى تەل بولۇپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇلغا ناھايىتى كۈچلۈك ئېھتىياجى بار. ئۇلار ئاساسەن مائاشسىز ئىشلەيدىغان بولۇپ، يىغىلغان پۇلنى ئاساسەن ئىشخانا، ماتېرىيال ۋە قورال-ئەسۋابلار قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

ھازىر ئۇيغۇر پروجېكت فوندىغا كەلگەن پروجېكت پىلانلىرى 5 پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىز ھازىر بىر رەسمىي يازما ماتېرىيال شەكلىدە تەييارلىنىۋاتىمىز. ئۇ پىلان دەپتىرى پۈتكەندە ئۇنى ئۇيغۇر پروجېكت تۈرلىرىگە پۇل ئىئانە قىلغان، ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىئانە قىلىدىغان قېرىنداشلارغا ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىمىز.

ۋەتەندىكى خەلق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىنى تۆت كۆز بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرۇپ كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر بىر سائەت، ھەر بىر كۈن، ھەر بىر ھەپتە ۋە ھەر بىر ئاينى چەت ئەلدىكىلەرگە ئۈمىد باغلىغان ھالدا ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشىڭىز شەرت ئەمەس. بىز سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىز ۋە ئۇچۇرلىرىڭىز ناھايىتى قاتتىق مەخپىي ساقلايمىز. ئۆزىڭىز مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، سىز پەقەت مەن بىلەنلا ئالاقە قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بولسا مىللەت ئۈچۈن ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىچە ياردەم قىلىڭ. مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى ساقلايمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ئەركىن سىدىق

«ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» رەئىسى