ئۇيغۇر ئەرلىرىگە خوشخەۋەر

سالام دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەرلىرى،

بىر نەچچە كۈن ئاۋال پىسخىك ساغلاملىققا ئائىت مەخسۇس يوگا دەرسى ھەققىدىكى يازمىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خەت يېزىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ دەرسكە قاتناشقۇڭلار بارلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭلار.

ئاۋازىڭلار ئاڭلاندى.

ئەمما بۇ دەرسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتنى دەرھال تېپىپ، سىلەرگە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشكە ئامالسىز قالغانتىم ۋە «ھازىر ئۆتۈپ بېرەلمەيمەن» دەپ سىلەرنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ قويغانتىم.

ئەمما ھەدەڭلار، سىڭلىڭلار، قىزىڭلار پاتىمەخان سىلەرنى ھەرگىز ئۈمىتسىزلىكتە قويمايدۇ ئەلۋەتتە.

چۈنكى سىلەرنى قوللايدىغان، سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار ئەمەسمۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ تەلىپىڭلارنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلىي ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان «ئ‍ۇيغۇر پىروجكىت فوندى» غا مۇشۇ خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئەرلەر يوگا دەرسىنىڭ بىرىنچى قارارىنى قوللاپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇندۇم.

خوشخەۋەر: بۈگۈن «فوند» نىڭ مەسئۇلى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ دەرسىمىزنىڭ يېرىم چىقىمىنى كۆتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالدىم.

يەنە بىر خوشخەۋەر: سىدنىيدىكى «يوگانىڭ پايدىسى خەير-ساخاۋىتى» دەيدىغان يەنە بىر يوگا مەكتىپىگىمۇ ئىلتىماس سۇنغانتىم، ئۇلار بۇ دەرسنىڭ يەنە بىر يېرىمىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ بېرىدىغان بولدى.

تولىمۇ ھاياجان ۋە شاتلىقتا سىلەر بىلەن بۇ خەۋەرلەرنى ئورتاقلاشتىم.

پىسخىك زەربىنى ئازايتىشقا مەخسۇس لايىھەلەنگەن بۇ دەرسنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئاتالغان بىرىنچى قارار دەرسىگە تىزىملاتساڭلار بولىدۇ.

ئوقۇغۇچى سانى: 6-8.

دەرس توردا، نەق مەيدان ئۆتۈلىدۇ.

دەرسنىڭ ۋاقتىنى تىزىملاتقانلارنىڭ ئورنىغا قاراپ ئورتاق بىر ۋاقىتقا بىكىتىمىز.

بىر قېتىملىق دەرس 45-60 مىنۇت.

شەرتى: چوقۇم 10 ھەپتە دەرسكە تولۇق قاتنىشىش. ئىككى قېتىم قاتناشمىغانلارنى چېكىندۈرىمىز ۋە ئورنىغا يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىمىز.

بۇ دەرسنىڭ باشقا «يوشۇرۇن» شەرتى، مەقسىتى، بېقىنمىسى، ئۇ بۇسى يوق!

سان بەكلا چەكلىك، تىز بولۇڭلار ئەمىسە.

تىزىملىتىش ئۈچۈن ماڭا ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ. تۇرىۋاتقان دۆلىتىڭلار ۋە توغرا كېلىدىغان ۋاقتىڭلارنى، ئىسمىڭلارنى قوشۇپ.

https://www.facebook.com/erkin.sidiq/posts/4659006347465293