«سەرخىللار مائارىپى» نىڭ 2021 يازلىق پروگراممىسى ئاخىرلاشتى

«سەرخىللار مائارىپى» 2021- يىلى يازلىق تەتىللىك مەكتەپ پروگراممىسىنىڭ خۇلاسە يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى پائالىيەت زالىدا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

«سەرخىللار مائارىپى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتۇش لايىھەسى 2020- يىلى يازدا فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى مەھمۇتجان لىتىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە شۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدا بىر نەچچە قېتىملىق يېزىقچە ۋە يۈز – تۇرانە ئىمتىھانلار ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچىدىن ئادىل تاللاشلار نەتىجىسىدە تۇنجى تۈركۈمدە جەمىئىي 16 نەپەر ئوقۇغۇچى تاللىۋېلىنغان ۋە 2021- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ ئننتېرنېت ئارقىلىق رەسمىي ئوقۇتۇشنى باشلىغان.

«سەرخىللار مائارىپى» تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا تالانتلىق ۋە بەلگىلىك يۇشۇرۇن كۈچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا نۇقتىلىق تەربىيەلەش، ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇمىغان، مىللىتىگە خىزمەت قىلالايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد سەرخىللارنى يېتىلدۈرۈپ چىقىش مەقستىدە قۇرۇلغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن شەرت بولغان ئېنگلىز تىلى ۋە باشقا پەنلەر بويىچە ئالاھىدە تەربىيەلىنىدۇ. ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان «ئىجتىمائىي پائالىيەت نەتىجىلىرى» نى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەمدە تۈرلۈك ئىلتىماس تەييارلىقلىرى ۋە رەسمىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارغا يەنە ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى دەرسلىكى زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىدا ئۆتۈلىدۇ.

«سەرخىللار مائارىپى» ھەيئەت ئەزالىرى كېڭىشىش ئارقىلىق بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتىنىڭ سىنىپ ۋە ياتاق ئورنىنى تەمىنلەپ بېرىشى بىلەن 2021- يىلى 26- ئىيۇلدىن 24- ئاۋغۇستقىچە دەسلەپكى قەدەملىك يازلىق تەتىللىك يۈز تۇرانە ئوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنتورلۇق ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نوقتا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈندى. بىر قىسىم مەكتەپ ۋە ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن سىرت 22- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سىلىۋرىدىكى TـGVA ياشلار دەرنىكىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سىلىۋرى دېڭىز ساھىلىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسىي پاجىئەسى» نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

بىز سەرخىللار مائارىپىدىكى بۇ سەرخىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە يېتىشكەن، مىللىي روھى ئويغاق، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلىم پەن سەپىرىگە ئۇتۇق ۋە غەلبىلەرنى تىلەيمىز!