ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى ئىشلىگەن خىزمەتلەر

ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى (ئۇ پ ف) 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىدا تىزىملىتىلىپ قۇرۇلغان «تاپاۋەتسىز تەشكىلات» بولۇپ، ئۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ باشقا ئېلېمېنتلىرىنى چەت ئەلدە ساقلاپ قېلىش، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا پايدىلىق بولغان ھەر خىل پىروجېكتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ چىرىغىنى ياندۇرۇپ تۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.

تۆۋەندە ئۇ پ ف قۇرۇلغاندىن بۇيان قىلغان ئىشلارنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتىمىز(PDF نى بۇ يەردىن ساقلىۋىلىڭ).

1. ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش ساھەسىدە:

1) «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئايلىق تور ژۇرنىلىنى چىقىرىش. بۇ تۈر 2022-يىلى 3-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. https://Uyghursfoundation.org/Uyghur/
2) «ئۇيغۇر ئاخبارات مەركىزى»نىڭ ھەپتىلىك ۋىدىيو پىروگراممىسىنى چىقىرىش. ئۇ پىروجېكتنى 2020-يىلى 11-ئايدا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 800 دىن ئارتۇق ۋىدىيو چىقىرىپ بولدى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
(1) YouTube: https://www.youtube.com/channel/UCW35Y_iqXm8g4fohwUqjDNQ
(2) @Instagram: https://www.instagram.com/Uyghuraxbaratmerkizi/
(3) @Facebook: https://www.facebook.com/Uyghuraxbarat.merkizi
(4) WhatsApp:https://whatsapp.com/channel/0029Va83BTWIyPtWFkED0a1S
(5) Tor bet: https://www.Uyghurinfo.org/Uyghur/
3) ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە تور بېتى https://Uyghursfoundation.org/ نى ماڭدۇرۇۋاتىدۇ.
4) ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇرچە تور بېتى https://www.tilim.org نى ماڭدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ماقالىلەر، مۇزىكىلار ۋە باشقا سىپىرلىق مەزمۇنلار قويۇلۇۋاتىدۇ.
5) مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە، ۋەتەندە 2017-يىلىدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان 300 گە يېقىن تور بەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساقلىۋالدى (https://www.Uyghur-archive.com/ ).
6) ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى ھازىر چەت ئەلدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى PDF ھۆججەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، بىر تور كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ چىقىش تۈرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ تۈرگە ئۇ پ ف ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى. بۇ كۇتۇپخانىغا 5000 دىن كۆپ كىتاب قويۇش پىلانلاندى.
7) ھازىرغىچە قۇرۇلۇپ ماڭدۇرۇلۇۋاتقان تۆۋەندىكى بىر قانچە تور كۇتۇپخانىلىرىغىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى:
https://elkitab.org
http://www.Uyghurkitap.com
http://www.yanghin.net
8) «ھاي-ھاي ئېلىپبە» ئۇيغۇر تىلى ئەپىنى ياساتتى. بۇ ئەپنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىلىرى بار بولۇپ، ئۇنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ: https://www.tilim.org/hay-hay-elipbe/. ئۇ دىياسپورادىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان باشقا ھەر قانداق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى بار، كۆرۈنۈشلۈك ۋە ئوبرازلىق مەزمۇنلار ئارقىلىق تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
9) ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولىدىغان بىر قىسىم ۋىدىيولارنىڭ تەييارلىنىشىغىمۇ ياردەم قىلدى (https://www.youtube.com/channel/UCx1eUKhf1eNyiwqJ-cSTiiA).
10) ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «مىڭ سائەتلىك ئۇيغۇرچە ئوچۇق ئاۋاز ئامبىرى» تۈرىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ
11) ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك ۋىدىيو پىروجېكتى. بۇ تۈر 2025-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

2. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلىش جەھەتتە:

1) تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى 2022-يىلى 10-ئايدىن 2024-يىلى 7-ئايغىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىدى.
2) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى مائارىپ پىروگراممىسى، ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى، ھىرا ئۇيغۇر يەسلىسى، شادلان ئۇيغۇر يەسلىسى ۋە كۆكنۇر ئانا تىل باغچىسى يەسلىسى قاتارلىق مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى.
3) COVID-19 مەزگىلىدە، تۈركىيەدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 150 گە يېقىن تاختا كومپيۇتېر (iPad) سېتىۋېلىپ تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
4) 2021-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىئانە توپلاپ، يىغىلغان ئىئانىلەرنى تۈركىيەدىكى بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە تارقىتىپ بەردى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
5) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ياردەم كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى.
6) تۈركىيەدىكى چوڭلارغا تىككۈچىلىك، كىيىم لايىھەلەش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلغان كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى.

3. خەلقىمىز ۋە خەلقئاراغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تەمىنلەش جەھەتتە:

1) ئۇيغۇر ئاخبارات مەركىزى (Uyghur Information Center, UIC) ئۇ پ ف نىڭ بىر شۆبىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيانى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، شۇ ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش. ئۇيغۇر ئاخبارات مەركىزى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇت-شىركەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە دوكلاتلارنى توپلىدى. بۇ ئۇچۇرلار ئۇ پ ف ماڭدۇرۇۋاتقان يەنە بىر تور بېتى https://www.Uyghurinfo.org/en/ دە ساقلىنىۋاتىدۇ.
2) «شىنجاڭ» دىكى خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرى، ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار، ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلدى:
(1) https://www.Uyghurinfo.org/en/names-of-chinese-officials-in-east-turkistan/
(2) https://www.Uyghurinfo.org/en/lists-of-forced-labor-companies-children-detention-camps-and-hospitals/

4. نەشر قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن كىتابلار

1) 100 يىللىق مارافون (2020، ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى)
2) ئۇيغۇرغا قارشى ئۇرۇش (2021، ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى)
3) 100 پارچە لاگېر ئىسپاتى (2022، ئىنگلىزچە)
4) دەۋر ۋە بىز (ئىككى قىسىم، 2023 ۋە 2024)
5) ئابدۇۋەلى ئايۇپ كىتابلىرى: (1) ئېلىپبە؛ (2) ئۇيغۇر بولاق؛ (3) دۇنيانىڭ كىندىكى؛ (4) ئوماق تارىخچاق؛ (5) تىلىمنىڭ تەمى؛ (6) مەڭگۈ تاشلىق ئەل؛ (7) ئۇيغۇرلۇق دەرسى؛ (8) گۈلدەك ئائىلەم؛ (9) ئۇلار نېمە دەيدۇ؛ (10) ئۇيغۇرچە قەلئە؛ (11) مەھبۇس روھلار (ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە خىتايچە)؛ (12) Doğu Türkistanda bir Aydın (تۈركچە)
6) باشقا كىتابلار:
(1) قۇمۇل ئىنقىلابىدىن كوممۇنىست چىن ئىستېلاسىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان
(2) پەرھات قۇربان: خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيەسى (2021)
(3) لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى (2023)
(4) لۇتپۇللا (رومان، 2023)
(5) ئۇيغۇر چاپايوپ كىم (سەلىمە كامال، 2023)
(6) مۇز تۇتقان دەريا (ھەبىبۇللا ئابلىمىت، 2024)
(7) مەمەت ئەمىن ماقالىلەر توپلىمى (2024)
(8) گۈلشەن ئابدۇقادىر كىتابلىرى: (ئا) 5-فېۋرال ئارخىپلىرى 2-قىسىم، (ب) دونكىخوت ۋە سانچۇپانزا ئۇيغۇرلار، (ب) ۋەتەن گە ۋىزام يوق (بۇ كىتابلارنى نەشر قىلىش چىقىمىنىڭ بىر قىسمىنى تەمىنلىدى)
7) باشقا بالىلار كىتابلىرى:

(1) ئەسما بالىلار كىتابلىرى
(2) گۈلبوستان بالىلار كىتابلىرى (2024، 2025)
(3) مېنىڭ تىلىم، مېنىڭ كىملىكىم (گۇلىس دەريا، 2023)

8) بالىلار نوتا كىتابى
(1) ئۇنتۇلماس مېلودىيە (رەيھانگۈل ئۇبۇل، 2023)
(2) بالىلار نوتا كىتابى — پىيانىنو نوتىسى باشلانغۇچ سەۋىيە (جىنەستە توختى)

5. ئالاھىدە مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېتى:

a) دىياسپورادىكى بويتاق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جورا تېپىشىغا ياردەم قىلىدىغان تور بېتى (بۇنى ھازىر ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى ماڭدۇرۇۋاتىدۇ): https://kelnur.com.

6. ئۇ پ ف ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر

1) ئۇ پ ف 2023-يىلى 9-ئايدا ئىككى كۈنلۈك «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە – 2023» لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بۈگۈنكى دەۋردە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللەتنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش جەھەتتىكى ئەقلىي كۈچىنىڭ نامايەندىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بولۇپ، ئالدى بىلەن «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە تەھدىتلەر، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى» نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ماقالىلەر يېزىلدى. ئاندىن ماقالە تەييارلىغان 45 تەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدىكى 20 دىن كۆپ كىشى ئىستانبۇلدىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتە لېكسىيە سۆزلىدى. تاپشۇرۇلغان ماقالىلەر ئاساسىدا «دەۋر ۋە بىز» دېگەن بىر كىتاب نەشر قىلىنىپ، لېكسىيە قاتناشقۇچىلىرىغا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى.
2) يۇقىرىقى پائالىيەت 2024-يىلى 9-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 2026-يىلى 9-ئايدا يەنە ئېلىپ بېرىلماقچى.
3) ئۇيغۇر بالىلار سىنىپى (ئىستانبۇل، تۈركىيە، 2024-يىلى 4-ئايدىن 12-ئايغىچە، 2 – 6 ياشلىق بالىلار ئۈچۈن).
4) ئۇ پ ف نىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن نەشر قىلدۇرغان بىر يۈرۈش بالىلار كىتابىدىكى شېئىر-قوشاقلارنى 6 دانە ئۇيغۇر بالىلار ناخشىسى ۋىدىيوسى قىلىپ ئىشلەش تۈرى باشلاندى. بۇ تۈرنى 2026-يىلى تاماملاش پىلانلاندى.
5) 2025-يىلى سۈنئىي ئىدراك ئەقىل ئامبىرىغا ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇتۇش پىروجېكتى باشلاندى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.
6) 2025-يىلى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پېشقەدەم يېتەكچىلىرى ۋە ئاكتىپلىرىنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىدىغان ھۆججەتلىك ۋىدىيو ئىشلەش پىروجېكتى باشلاندى. بۇ تۈر ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ

7. ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم قىلغان تۈرلەر

1) خەلقئارا ئۇيغۇر سەنئىتى پىروجېكتى (ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان، 2023)
2) تۈگۈم تۈگۈم سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ سەنئەت كۆرگەزمىسى (2024-يىلى 10-ئاي)
3) ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ «ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش» پائالىيىتى
4) تۈركىيەدىكى «قىزلار كىتاب چېيى»
5) ئايىشە ئىنگلىز تىلى كۇرسى (2022-يىلى 7 – 9-ئاي)
6) «بىلىم-كۈچ ژۇرنىلى» (ئىككى ساننى نەشر قىلىش خىراجىتى بېرىلدى)
7) ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش مەركىزى (ئىستانبۇل، مۇيەسسەر خەندان)
8) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۇرسى (ئىستانبۇل، 2021-يىلى 7-ئاي)
5) «ئاخىرىنى ساقلاش» ناملىق ئىنگلىزچە ھېكايە فىلىم (مەمەتجان، 2022)
6) ئۇيغۇر سوتى ئۈچۈن سۇنۇلغان ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىقلارنى يېزىق شەكلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم
7) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر سوتىنىڭ بەزى ئالاھىدە تۈرلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ياردەم
8) ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈچۈن كىيىم لايىھەلەش – كىيىم تىكىش تەربىيەلەش كۇرسى (ئۇيغۇريار فوندى)
9) ۋىدىيو پىروگراممىلىرى ۋە يۇتيۇب قاناللىرى:
(1) كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش:
https://www.youtube.com/channel/UCe8L8dzF6tuEOhKLRbxMBQA
(2) كارۋان ساداسى:
https://www.youtube.com/channel/UCzLnUaHea2IkmIEnurPaIgQ
(3) ئانا تىل بالىلار پىروگراممىسى:
https://www.youtube.com/channel/UCx1eUKhf1eNyiwqJ-cSTiiA
(4) Untv Biz (خەدىچە، ئىستانبۇل):
https://www.youtube.com/channel/UCKw6XgrWkdSo3Gj1V2f5OzA

ۋەتەندىن يىراقتا بولۇشىمىز بىزنىڭ ۋەتەنگە بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاجىزلىتىپ قويماسلىقى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە كوللېكتىپ ئەسلىمىلىرىمىز بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ھايات ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇ پ ف نى قوللاش — بىزنىڭ كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەتلەرنى قوغداش ۋە ئۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇشنىڭ بىر ئەمەلىي يولىدۇر. بىز ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئەتە ئەمەس، بەلكى ھازىرلا ھەرىكەت قىلىشىنى سورايمىز. قۇربىڭلار يەتسە ئۇ پ ف قا ئىئانە قىلىڭلار، ھەمدە بۇ ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى جامائەت ئىچىدە كەڭ تارقىتىڭلار. ھەر قايسى تۆھپىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۇ بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مۇستەھكەم ۋە جانلىق ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى
ئالاقىلەشكۈچى: ئەركىن سىدىق (erkinsidiq@gmail.com)