ئىستانبۇلدا 20 لىكسىيە - 2026

ئاسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئەزىز سەپداشلار!
بۇ يىللىق «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە–2026» پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 19- ۋە 20-كۈنلىرى (شەنبە – يەكشەنبە) ئىسانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولدى. بۇ پائالىيەت ئۈچۈن 34 پارچە ماقالە كەلگەن بولۇپ، ئاپتورلاردىن 15 نەپىرى ئىستانبۇلدىكى پائالىيەتتە 16 لېكسىيە سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى. مەن ئۇيغۇر پروجېكت فوندىغا ۋاكالىتەن، بۇ 15 قېرىندىشىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
لېكسىيە پائالىيەت تەييارلىقلىرىنى ئۈنۈملۇك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەن مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ بېرىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن مەزكۇر توپنى قۇردۇم.
چەت ئەلدىن كېلىدىغان قېرىنداشلار ئايروپىلان بېلىتىنى ھازىردىن باشلاپ ئالساڭلار بولىدۇ.
ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدىن كېلىپ لېكسىيە سۆزلەپ بېرىدىغان قېرىنداشلارغا 3 ئاخشاملىق (جۈمە-شەنبە-يەكشەنبە) مەھمانخانا ياتىقى ئېلىپ بېرىمىز. چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن 2 ئادەمنى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىمىز. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.
بۇ يىل ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيە شۆبىسى 9-ئايدا يېرىم كۈن (ياكى 5 سائەت) «ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن.
شۇنداقلا «خەلقارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسى» مۇ 9-ئايدا يېرىم كۈن (ياكى 3 سائەت) «توختى ئايۇپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
يۇقارقى ئىككى تەشكىلات بىزدىن ئۆز پائالىيىتىنى «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە» پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ھازىرقى پىلاندا شۇنداق قىلماقچى بولىۋاتىمىز. بىز بۇرۇن ھەر بىر لېكسىيە سۆزلىگۈچىگە 30 مىنۇتتىن ۋاقىت بېرىپ كەلگەن. يۇقارقىدەك سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇ يىل لېكسىيە سۆزلەش ۋاقتىنى سەل قىسقارتىشىمىز (مەسىلەن، 25 مىنۇت قىلىشىمىز) مۇمكىن. سىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.
رەھمەت!