دىللار ئىنگىلىز تىلى ھەقسىز ئوقۇتۇش تور مەكتىپى

دىللار ئىنگىلىز تىلى ھەقسىز ئوقۇتۇش تور مەكتىپىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى 2020-يىلى دىلزىبا دىلمۇرات ۋە دىلناۋا دىلمۇرات دىللار ئىنگىلىز تىلى ھەقسىز ئوقۇتۇش تور مەكتىپىنى قۇرۇپ رەسمى دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان بولۇپ ھازىرغىچە 18 ئوقۇتقۇچىسى ۋە 500 گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار.ئاساسلىقى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئىنگىلىز تىلىنى ھەقسىز ئوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكى ئاساس قىلىنىدۇ. مەكتەپتىكى سىنىپلاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار: تاۋۇش سىنىپى – ئېنگىلىز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان بولۇپ ھەرپلەر ئالمىشىپ ياكى تەكرارلىنىپ كېلىپ 73يېڭى تاۋۇش ھاسىل قىلىدۇ، تاۋۇش دەرسىگە قاتناشسىڭىز ئىنگىلىز تىلىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە توغرا ئاڭلاپ يېزىشقا مۇستەھكەم ئاساس سالىسىز ،كېيىنكى تىل ئۈگىنىشىڭىزگە سىز كۈتمىگەن ئاسانلىق ۋە قولايلىقنى ئاتا قىلىدۇ.نورمالدا پەقەت 25 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ ، جىنىس ۋە ياش چەكلىمىسى يوق. 2 ئاي ھەر كۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا دەرس ئۆتىلىدۇ. ئامېرىكىلىق يۇتۇبېر كىرىس ئەپەندىنىڭ ئوقۇش ۋە مەشق دەرسلىكلىرى قوشۇمچە قىلىنىدۇ. بۇ دەرسكە قويۇلىدىغان تەلەپ : ھەر بىر سائەت دەرسنى ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 30 مىنۇت تەكرار قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. بېرىلگەن ئوقۇش ۋە ئاڭلاش تاپشۇرۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئورۇنلىشىڭىز كېرەك، يېزىش كۆپ تەلەپ قىلىنمايدۇ.يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنىڭ 1-قىسمى 1-60 دەرسقىچە بىر گورۇپ،60–124 دەرسكىچە يەنە بىر گورۇپ قىلىپ ئايرىپ دەرس ئۆتىلىدۇ، بۇنىڭدا ئوقۇغۇچى ئەھۋالىغا قارىتا ياكى ئىككى ياكى ئۈچ سىنىپ قىلىپ ئايرىپ ئوقۇتىلىدۇ، قىز-ئوغۇللار ئايرىپ دەرس ئۆتۈلىدۇ. بالىلار سىنىپىدا دەرس ئاستاراق ئۆتىلىدۇ . ھەپتىسىگە ئىككى-ئۈچ كۈن، ھەر كۈنى بىر سائەت ئۆتىلىدۇ، يېزىش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، تېكىستنى يادقا ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنىڭ 2-قىسمى 1-40 دەرسقىچە بىر گورۇپ،40-تىن ئاخىرىغىچە يەنە بىر گورۇپ قىلىپ ئايرىپ دەرس ئۆتىلىدۇ، بالىلار سىنىپىمۇ بار، ئۇنىڭدا دەرس ئاستاراق ئۆتىلىدۇ .نورمالدا ھەپتىسىگە ئىككى كۈن ھەر كۈنى 1 سائەت ئۆتىلىدۇ، يېزىش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، تېكىستنى يادقا ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تېكىستنى زامان شەكلىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ،ئالماشتۇرۇپ ئوخشىمىغان زاماندا يېزىش ئىملا تاپشۇرىقىغا قوشۇپ يەنە ماقالا يېزىش تاپشۇرۇقى بېرىلىدۇ. ھەر بىر دەرس سائىتىگە ئادەتتە ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە دەرس تەكرارلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلىشىش دەرسلىرى بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى نورمالدا10دىن ئاشمايدۇ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم بىر سائەت ئەتراپىدا ئۆتىلىدۇ.بەلگىلەنگەن سۆزلىشىش تېمىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن تەييارلىق قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاز دىگەندە 5 جۈملە شەكلىدە تەييارلىق كۆرۈلۈشى ۋە دەرستىن كېيىن يەنە يېڭى ساۆز ۋە يېڭى جۈملە شەكىللىرى تەكرارلىنىشى كېرەك. سۆزلىشىش گورۇپپىلىرى ياش، جىنىسقا قاراپ ۋە سەۋىيىسىگە قاراپ گورۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ ھەزىر بىزدە بەش سۆزلىشىش گورۇپپىسى بار يېزىقچىلىق دەرسى يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلىنىڭ 1-2-3-قىسمىنى تۈگۈتۈپ بولغانلارغا قارىتا ئېچىلغان بولۇپ چوڭقۇر تېمىلار ۋە يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى سۆزلىنىدۇ ۋە ھەر ھەپتىدە بىر ئىنشا تاپشۇررىقى بېرىلىپ ، شۇنى مۇزاكىرە قىلىپ ، خاتالىقلارنىڭ تۈزۈتۈپ ،ئۈگىتىلىدۇ، بۇنىڭدا ياش ۋە جىنىس ئايرىمىسى يوق ھازىرقى سىنىپتا 8 ئوقۇغۇچى بار. دىللار ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇش گورۇپپىسى يەنە تۈركىيىدىكى سەرخىلار مائارىپىدىكى 16 ئوقۇغۇچىغا مەنتېرلىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىندىۋىداللىقىغا، ۋاقىت پەرقىگە ۋە بوش ۋاقتىغا ئاساسەن بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ھەپتىدە 5 قېتىمدىن ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن ئېغىزچە سۆزلىشىش بىر دە بىر مەشقى ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ : مىللەت سۆيەر،چىدام -تاقەتلىك ۋە قىزغىن مىھرىبان بولۇشى ،ئۇيغۇر تىلىدا ئاددى چۈشەندۈرۈش بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئىنگىلىزچىنى توغرا تەلەپپۇزدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان ھەر قانداق كەسپ ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 16 ياشتىن چوڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سېپىمىزغا قوشۇلۇپ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«Dillar In’gliz Tili Dersliri» ning alaqilishish usuli: Elxet: dillarenglish@gmail.com Instagram: @dillarenglish