ئىلھام توختىنىڭ 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقى ھەققىدە


گېرمانىيىدىكى ئەنۋەرجان ئاكىمىز يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «ئىلھام توھتى ئىنستىتۇتى» بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھازىر تۈركىيىدىكى پروفېسسورلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلھام توختى مۇئەللىمنى 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپىتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكى ۋىدېئو ئەشۇ مەقسەت ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، بولسا ئۇنى تۈرك دوستلىرىڭلارغا كەڭ تارقىتىپ قويغان بولساڭلار. بۇ تەشۋىقات تۈرىگە «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى.