«ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى مەجلىسى» بىلەن سۆھبەت


«ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى مەجلىسى» ئامېرىكىدىكى چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ۋە يەنە بىر ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىلەن بىر سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مەن «ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ رەئىسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى دېگەن سالايىھەت بىلەن قاتناشتىم. سۆھبەتنىڭ تېمىسى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر پاجىئەلەر بولۇپ، بۇ سۆھبەتنىڭ نەق مەيدان ۋىدېئوسى 15-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دە تارقىتىلدى.