كەلنۇر تورى ئىشلىتىش قوللانمىسى

كەلنۇر تورى ئېچىلغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈزگە يېقىن ئادەم تىزىملاتقان ھەمدە يەنە 60 تىن كۆپ كىشىلەر كەلنۇر تورىنىڭ ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لايىق ئىزدەش مەقسىتىنى ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئائىلە قۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ ئۇچۇرى يازغان، ئەمما تىزىملاتمىغان. بىز ئۇلارغا كەلنۇر تورىنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە بىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلىدۇق.

ئالدى بىلەن سىز كەلنۇر تورىغا كىرگەندە، بېكەتنىڭ ئۈستۈنكى تىزىملىك قىسمىدا «تىل تاللاش»نى كۆرىسىز. بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە قولايلىق بولغان تىل ياكى يېزىقنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىز تىل-يېزىقنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، كەلنۇر تورىنىڭ زادى قانداق تور بېكەت ئىكەنلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ. كەلنۇر تورى قانداقتۇر لايىق تېپىپ بېرىش ياكى لايىق تونۇشتۇرۇش تور بېكىتى بولماستىن، بەلكى لايىق تېپىۋېلىش تور بېكىتىدۇر. سىز بۇ يەردە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكى جورىڭىز بىلەن ماسلاشما ئارقىلىق ئۆزئارا پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىسىز.

بىرىنچى قەدەمدە، سىز كەلنۇر تورىغا كىرىپ، تىزىملىكتىكى «تىزىملىتىش» دېگەن تىزىملىكنى بېسىپ ئۆزىڭىزنى تىزىملىتىسىز. تىزىملاتقاندا ئېلخەت ئادرېسىڭىز چوقۇم ئىشلىتىۋاتقان ئېلخەت ئادرېسى بولۇشى كېرەك، بولمىسا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملىتالمايسىز. ئاندىن سىز ئەزا ئىسىمغا ھەرگىز ئالاھىدە تىنىش بەلگە ياكى ھەرخىل غەيرىي ھەرپلەرنى كىرگۈزمەڭ. ئەزا ئىسمى چوقۇم لاتىن ھەرپىدىن تۈزۈلگەن بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئوخشاشلا تىزىملىتالمايسىز.

ئىككىنچى قەدەمدە، تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، «ئەزا ئىسمى» ۋە «پارول»نى كىرگۈزۈپ كەلنۇر تورىغا كىرىڭ. ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە ئىزدىمەكچى بولغان لايىقنىڭ ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىستېما سىزگە سىز بىلەن ماسلاشقان ھېچقانداق بىر كىشىنى تەۋسىيە قىلالمايدۇ.

ئۈچىنچى قەدەمدە، سىز سىزگە تەۋسىيە قىلىنغان ماسلاشمىلىرىڭىزنىڭ ئايرىم سەھىپىسىگە كىرىپ، سىز بىلەن ماسلىشامدۇ-يوق بىلىپ بېقىڭ. ئەگەر ماسلاشسا، ئۇنى دوستلۇققا قوشۇپ، ئۇچۇر سەھىپىسى ئارقىلىق ئۆزئارا خەت-ئالاقە قىلالايسىز.

دىققەت: ئەگەر سىز دوستلۇققا قوشمىسىڭىز، سىز بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ھېچقانداق كىشى چىقمايدۇ.

قالغان بىلمىگەن يەرلەرنى باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.

https://www.kelnur.com