ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۇرسى ئېچىلدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر ساھەدە كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىشى ئىلىم – پەنگە بولغان يۈزلىنىشنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا. مانا بۇ كۈچلۈك ئىنتىلىش تۈرتكىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مائارىپىقا بولغان ئىنتىلىشىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە.

خىتاي ۋىرۇسى خەۋپى سەۋەبىدىن تۈركىيەدە 2020 – يىلى 11 – مارتتىن باشلاپ مەكتەپلەر ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا تاقالغان بولۇپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى ئىنتىرنىت مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى ھالسېرىتىپ قويغانلىقتىن، كومپىيۇتېر ياكى تاختا كومپىيۇتېر قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تولۇق ۋەياكى يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىتىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنتىرنىت مۇھتىدىكى دەرسلەرگە قاتنىشىشىمۇ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىدى.

كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دەرس ئاساسلىرىنى پۇختىلاپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، فوندىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى، ئۇيغۇريار فوندىنىڭ ئۇپۇق دەرسخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى نەتىجىسىدە ئىستانبۇل شەھرى ساپاكۆي رايونىدا ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش كۇرسى ئېچىلدى.

كۇرس 10 ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كۇرستا ھازىرغىچە 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى دەرس ئالماقتا.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۇرس ئارقىلىق توختام تۈزۈلگەن بولۇپ، كۇرس ئوقۇش پۇلى ۋاقتىنچە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا شەرتلىك قەرز بېرىلىدۇ. كۇرس ئوقۇش پۇلى 2022 – 2021 ئوقۇش يىلى ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.